- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىپ
يۇ لياڭيىڭغا «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» دەپ شەرەپلىك نام بەردى
ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش يۇ لياڭيىڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش چاقىرىق قىلىندى
2015.09.06 11:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا يولداش يۇ لياڭيىڭغا «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاۋانگارت، باشلامچىلىق رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنى يولداش يۇ لياڭيىڭنى ئۈلگە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
45 ياشلىق يۇ لياڭيىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1 - شى 13 - تۈەن 11 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى. 1991 - يىلى يۇ لياڭيىڭ چۇڭچىڭدىن بىڭتۈەندە خىزمەت قىلىدىغان تۇغقىنىنىڭ يېنىغا پاناھ ئىزدەپ كېلىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىدۇ. يۇ لياڭيىڭ شىنجاڭغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە باشقىلارغا ياردەملىشىپ ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ، كېيىن ئۇ يەر كۆتۈرە ئېلىپ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىپ ياخشى كۈن كۆرىدۇ. 2005 - يىلى گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقان مەمەت تۇرۇپ ئەر - خوتۇن كېۋەز تېرىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەندە يۇ لياڭيىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يۇ لياڭيىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە باشلايدۇ، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 200 نەچچە مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا، تېرىقچىلىقىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، مەمەت تۇرۇپ ئائىلىسىنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھازىر يۇ لياڭيىڭ مەمەت تۇرۇپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇق - تۇغقاندەك ئۆتۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ قالدى.
يۇ لياڭيىڭنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، قىلغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇ ياشاۋاتقان رايوننىڭ مۇھىتى ناچار، شارائىتى قىيىن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ تۆھپە قوشۇپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تۈەن - مەيداندىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇزاق يىلدىن بۇيان قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشى ئۈچۈن خالىسانە ياردەم بەردى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشىگە ياردەم بەردى؛ ئۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئاكتىپلىق بىلەن تارقىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈردى... يۇ لياڭيىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى، ئۇ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدىغان نەمۇنە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈلگە بولدى.
قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر تۈركۈملەپ بارلىققا كەلدى، يولداش يۇ لياڭيىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى يولداش يۇ لياڭيىڭدىن ئۆگىنىشكە، يەنى ئۇنىڭ «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «بەشنى تونۇش»نى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا رىشتە باغلاپ، تىرىشىپ ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھىدىن ئۆگىنىش؛ ئۇنىڭ تەقدىم قىلىشقا رازى بولۇش، پايدىنى كۆزلىمەسلىك، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىش؛ ئۇنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە «شىنجاڭ روھى»نى نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش، ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ھەقىقىي مۇھەببىتى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت خالىس تۆھپە قوشۇش روھىدىن ئۆگىنىش؛ ئۇنىڭ ئۆز خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ۋەزىپەم دەپ بىلىدىغان ئېسىل خىسلىتىدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.
قاراردا مۇنداق تەكىتلەندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما يولداش يۇ لياڭيىڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش، مىللەت ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش ۋە ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، «شىنجاڭ روھى»نى ئەۋج ئالدۇرغۇچى، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى ۋە «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكۈچى بولۇش كېرەك. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئىلگىرىلىگەن، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر