باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسى 18 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلدى

2015.08.31 21:01         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: بۈگۈر ناھىيەسى ئۆتكەن يىل كۈزدىن باشلاپ كۆچەت تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىشنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتىنى قاتلاممۇ قاتلام كۈچەيتىپ، ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى.

  بۇ ناھىيە ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئېتىز – ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى، باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي ئورمان ۋە شەھەر، يېزا – بازارلارنى كۆكەرتىش ئورمىنى بەرپا قىلىشقا قارىتىپ، ‹‹كۆك ئاسمان، يېشىل مۇھىت›› بەرپا قىلىشقا كۈچىدى. بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستى بۇ ناھىيەگە 7000 مو كۆلەمدە ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى چۈشۈرگەنىدى، ئەمەلىيەتتە 18 مىڭ 902 مو ئورمان بىنا قىلىنىپ، ۋەزىپە 11 مىڭ 902 مو ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىنىپ، پىلاندىكىدىن 1.7 ھەسسە ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر