باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار مۇقىم ئاشتى

2015.08.26 21:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامانگۈل ئۆمەر خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاۋات ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىگە كىرگۈزۈش ئاساسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمگەك زىچلىقى يۇقىرى تۈرلەرنى تەسىس قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھەمدە تەكشى، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بۇ ناھىيە يىل بېشىدىن 8 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئاز كەم 3 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، شەھەر باشقۇرۇش، ئۆي – زېمىن خوجىلىقى، كۆكەرتىش، مۇھىت ئاسراش، يول ئاسراش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىپ، كارخانىلاردىن ئىشتىن قالغان خىزمەتچىلەر، مەخسۇس كۇرس ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ياشلار، شەھەر – بازارلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەر ۋە شەھەردە ئىشلەۋاتقان دېھقانلارنى ئارقا – ئارقىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى كەنت ئەمەلدارلىقىغا تەكلىپ قىلىش، پىراكتىكا بويىچە چېنىقىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىش، يار – يۆلەكتە بولۇش سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ئارقىلىق جەمئىي 2567 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق نىشان %96.7 ئورۇندالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار 1689،ئىش ئورنىدىن قالغانلار411، بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 467نى تەشكىل قىلدى. ھۆكۈمەت 140مىڭ ئادەم /قېتىم ئېشىنچا ئەمگەكچىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ناھىيە بويىچە شەھەر – بازارلارنىڭ تىزىمىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى%2.88 ئىچىدە كونترول قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر