- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەڭگۈ ئۈزۈلمەس دوستلۇق رىشتىسى
2015.08.26 20:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم بۇ يىلقى روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇزاق يىللىق دوستلىرىدىن سۈي شياڭجى، دىڭ خۇەنفېڭ، مۇرات، ۋاڭ شۈۋېي، چىن شياۋۋىي، خۇ شاڭياڭ، يۈەن يۈەن، لى مىڭشى قاتارلىقلارنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ كەلگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال بولدى.
ـ ياخشىمۇسەن، ھېيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن، دېيىشتى دوستلىرى ئۇيغۇر تىلىدا.
ـ بىرگە بولسۇن، قېنى ئۆيگە مەرھەمەت، دېدى ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ.
ـ ئەمدى كەلگىنىڭلارنى قارىمامسىلەر، سىلەرنى ساقلاپ تاقىتىم تاق بولدى. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى كېلىشىڭلار كېرەكتە. نېمىلا دېگەن بىلەن بىز 30 نەچچە يىللىق قەدىناسلاردىن تۇرساق، – دېدى ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم مېھمانلارغا چاي قۇيغاچ.
مېھمانلارنى بىرەر قۇر ئۇزۇتۇۋالغانسەن. خوتۇن، بالىلىرىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ. ھە راست، بۇ قېتىمقى چاينى تېكەس ناھىيەسىدىكى قاراجۈن يايلىقىغا ئورۇنلاشتۇردۇم. بالا – چاقىلار بىلەن بىللە قانغۇچە ئويناپ كەلمەمدۇق، دېدى ۋاڭ شۈۋېي.
دوستلار كۈلكە – چاقچاق قىلىشىپ، ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىمنىڭ ئۆيىدىن چىقتى. ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىممۇ ئۇلار بىلەن بىللە ھېيتلاش ئۈچۈن ماڭدى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە دوستى مۇراتنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى.
ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم بۇ دوستلىرى بىلەن خېلى بۇرۇنلا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانىدى. قورغاس ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسى چىنباغ كەنتىدە تۇغۇلغان ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ مەھەللىدە كىچىكىدىن تارتىپ خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، شىبە، مانجۇ قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان بالىلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغانىدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىمنىڭ دوستلىرىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇلار كۈن ئاتلاپ بىر – بىرىنىڭ ئۆيلىرىدە قوناتتى، بىللە تاماق يەيتتى. چوڭلارمۇ ئۆزئارا ئىزدىشىپ، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، بىر – بىرىگە ياردەم قىلاتتى. مانا مۇشۇنداق مېھىر – مۇھەببەتكە، سۆيگۈگە، ئىناق – ئىتتىپاقلىققا تولغان بۇ مەھەللىدە چوڭ بولغان ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىمنىڭ گۆدەك قەلبىگە ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ئۇرۇقى چېچىلدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا توققۇز ساۋاقدىشى بىلەن چىن دوستلۇق ئورناتتى. ئۇلار مەكتەپكە بىللە باراتتى، بىللە قايتاتتى، بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى. بۇ ئون دوست خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، شىبە، ئۆزبېك، مانجۇ مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇلار سەبىي چاغلىرىدىلا ‹‹چوڭ بولغاندىمۇ قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ ئۆتىمىز›› دەپ ئەھدىلەشكەنىدى.
ئۇلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىمۇ بىر – بىرىنى تاشلاشمىدى، بەلكى دوستلۇق مېھرى تېخىمۇ چىڭىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرنەچچەيلەن ئالىي مەكتەپكە ماڭدى، بەزىلىرى دېھقان بولدى، بەزىلىرى تىجارەت يولىنى تاللىدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە دوستلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى بېسىش ئۈچۈن، ئۇلارغا داۋاملىق خەت يېزىپ تۇردى. تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن تەتىل يېتىپ كەلسە، ئون دوست يەنە جەم بولۇپ، كۆرگەن بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ، كەلگۈسى، غايە، نىشانلىرى ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ، پۇخادىن چىققۇچە مۇڭدىشاتتى. جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىدارە – ئورگانلاردا كادىر بولدى، دېھقان، تىجارەتچى بولغانلارمۇ ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ كۆكلەپ، تۇرمۇشىنى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىدى. ئالدىراشلىق ئىلكىدىمۇ بىر – بىرى بىلەن ئىزدىشىشنى توختىتىپ قويمىدى. كۈندە يۈز كۆرۈشەلمىسىمۇ تېلېفون ئۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ ھال – ئەھۋالىنى سوراپ تۇراتتى.
ۋاقىتنىڭ سىنىقى بۇ دوستلارنى ياشلىقنىڭ نەۋقىران دەۋرىگە باشلاپ كىردى. ئۇلار ئارقا – ئارقىدىن توي قىلىشىپ، ئۆي – ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، بېرىش – كېلىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ھەر ئايدا يىغىلىپ چاي ئۆتكۈزدى. تېجەشلىك، لايىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ چايلار ئۇلارنىڭ دوستلۇق رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. خوتۇن، بالىلىرىنىمۇ چايغا قاتناشتۇرۇۋىدى، چايدىكىلەر 30 نەچچىگە كۆپىيىپ، چوڭلارلا ئەمەس، بالىلارمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىشتى. بۇ كەيپىيات چاينى تېخىمۇ چوڭقۇر مەناغا ئىگە قىلدى. ئون ئائىلىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتى، دوستلۇق رىشتى بىر – بىرىگە چىڭ باغلىنىپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شۈ شياڭ 2010 – يىلى 2 – ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھىرىگە كۆچۈپ كەتتى ھەم شۇ يەردە توي قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى. شۈ شياڭنىڭ ۋۇشى شەھىرىدە تۈزۈكرەك تونۇشى بولمىغاچقا، شىنجاڭدىكى توققۇز دوست ۋۇشى شەھىرىگە بېرىپ، ئۇنىڭ توي مەرىكىسىنى تازا قىزىتىپ بەردى. شۈ شياڭ يۇرتىغا ۋاقتىدا قايتالمىسىمۇ، ئەمما دوستلىرىنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىدا ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، دوستلار قاتارىدىن چۈشۈپ قالمىدى.
قۇرۇلۇش ئورنىدا توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ھەيدەيدىغان فەن جىچياڭ 2007 – يىلى ئىش ئۈستىدە ئېغىر يارىلاندى. فەن جىچياڭنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىدىن خەۋەردار دوستلار مەسلىھەتلىشىپ، چايدىن چۈشكەن پۇلغا ئۆز يېنىدىن پۇل قوشۇپ 100 مىڭ يۈەن جۇغلاپ، فەن جىچياڭنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى. توققۇز دوست دوختۇرخانىدا فەن جىچياڭنىڭ ھالىدىن نۆۋەتلىشىپ خەۋەر ئالدى. دوستلىرىنىڭ ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلۈشى، ئەتراپلىق كۈتۈشى نەتىجىسىدە فەن جىچياڭنىڭ كېسىلى ياخشىلىنىپ، بىرنەچچە ئايدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتى.
ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىمنىڭ خوتۇنى مۇنەۋۋەر ئەزىمەت تاماققا ئۇستا بولغاچقا، ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىمنىڭ دوستلىرى ئائىلە بويىچە كېلىپ ئۇلارنىڭكىدە مېھمان بولۇپ كېتىدۇ. مۇنەۋۋەرمۇ ئېرىنىڭ دوستلىرىنى خۇشاللىق بىلەن كۈتىدۇ. دوستلارنىڭ خوتۇنلىرى مۇنەۋۋەردىن ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئېتىشنى ئۆگىنىدۇ.
غۇلجا شەھەرلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم بەزىدە بەكلا ئالدىراش بولۇپ، مەكتەپتىن بالىلىرىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغاندا، ئۈندىداردىكى دوستلار توپىدا كىمنىڭ ۋاقتى چىقسا، شۇنىڭغا بالىلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش توغرىسىدا سۆز قالدۇرىدۇ. قايسى دوستى بىكار بولسا، شۇ ۋاقىت چىقىرىپ بالىلارنى ئېلىپ، ئۆيىگە يەتكۈزۈپ قويىدۇ. توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىدا يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلاردەك ساھىبخانلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق ئىشلار دوستلار ئارىسىدا ئادەتكە ئايلاندى.
بىز ئون دوست ھەر مىللەتتىن بولساقمۇ، ئەمما بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىمىز. بىز يېقىندا خەير – ساخاۋەت فوندى قۇرۇپ، ھەر ئايدا چايدا چۈشكەن پۇللارنى فوندنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزۈپ، جەمئىيىتىمىزدىكى قىيىنچىلىقتىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلماقچى بولۇۋاتىمىز.
شۇنداق، بۇ ئون دوستنىڭ بىر – بىرىگە يەتكۈزگەن قېرىنداشلارچە مېھرى، ياڭرىتىۋاتقان دوستلۇق كۈيى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى نامايان قىلدى. ئۇلارنىڭ ‹‹ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق چېيى›› ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشقۇسى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر