- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا سېنتەبرنىڭ ئاخىرغىچە مەملىكەت بويىچە ETC تورلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۈمىد بار
2015.08.25 15:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە ETC تورلاشتۇرۇش نەق مەيدانىدا ئاپتوموبىل ئۆلچەش سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن. سېنتەبرنىڭ ئاخىرغىچە مەملىكەت بويىچە ETC تور لاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۈمىد بار.
ETC دېمەك ئېلېكترونلۇق ھەق ئېلىش ھەق ئېلىش سىستېمىسى دېگەنلىك يەنى ئاپتوموبىل شامال توسۇش ئەينىكى ئۈستىدە ئىندۇكسىيىلىك كارتا ئورنىتىپ ھەمدە ئالدىن خىراجەتنى قاچىلاپ، ئاپتوموبىل ھەق ئالىدىغان نۇقتىغا كەلگەندە توختاش ھاجەتسىز، پەقەت سۈرئەتنى ئاستىلاتسىلا قاتناش ھەققى كارتا ئىچىدىن ئۆزلۈكىدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ ھەق ئېلىش ۋاقىت ئىككى سېكۇنتقا يەتمەيدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر