- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتناۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە خەتەرلىك ماللارنى توشۇش ئاپتوموبىلىغا قارىتا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش ئېلىپ بارىدۇ
2015.08.25 14:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:25-ئاۋغۇستتىن 3-سېنتەبرگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى قاتناۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە خەتەرلىك ماللارنى توشۇش ئاپتوموبىلىغا قارىتا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش ئېلىپ بارىدۇ.
شىنجاڭ ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى قاتناش-تىرانسپورت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يولۇچى ترانسپورت كارخانىلىرىغا بولغان ھەرىكەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس كۆپ، قاتناش قانونغا خىلاپ ئەھۋال كۆپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئۆلچەمدىن ئۆتۈش نىسبىتى تۆۋەن، قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان يولۇچى ترانسپورت كارخانىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كېچىدە زەربىدارلىق بىلەن يوشۇرۇن زىيارەت تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ترانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ، ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش ھېساباتى بەرپا قىلىپ، بىنورمال ئاپتوموبىل توختىتىش ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش ، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ، بەلگىلەنگەن لىنىيىدە يول يۈرمىگەن ، كېچىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يول يۈرۈش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ ھەمدە ئىشتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر