باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2015.08.25 14:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن كىرىش، چىقىش ئىشلىرىنى بېجىرىش زالىدا شەھەر ئاھالىسى داۋۇت ئىبراھىم 23 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئۈچ پارچە «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى تاپشۇردى، 15 مىنۇتتا بارلىق رەسمىيەتلەر قوبۇل قىلىنىپ بولدى. 8 - ئاينىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈردى، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا 40 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 2 ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى.

  داۋۇت ئىبراھىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئەر - خوتۇن ئىككىمىز بىلەن نەۋرە ئاكام ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى بىرگە تاپشۇردۇق، رەسمىيەت بېجىرىش ئىنتايىن ئاددىي ئىكەن، بىر جەدۋەلنى تولدۇرۇپ، سۈرەت، كىملىك ۋە نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن بىر نۇسخا تاپشۇرساقل، پاسپورت ۋە شياڭگاڭ، تەيۋەنگە بېرىپ كېلىشكە ئالاقىدار كىنىشكىلەرنى ئاسانلا بېجىرەلەيدىكەنمىز.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ شۈمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردۇق. ناھىيە (شەھەر) لىك ج خ ئىدارىلىرىنىڭ پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش نۇقتىسى بۇرۇنقى توققۇزدىن 40قا كۆپەيتىلدى، بۇ خىزمەتكە يەنە 89 خەلق ساقچىسى مەسئۇل قىلىندى. بۇ سىياسەت تاراتقۇلاردا تەشۋىق قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 25 - ماي قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرىدە ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. نۇقتىدا سىناق قىلىنغان بۇ ئۈچ جايدا ئىككى ئايدا 32 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بەش ھەسسە كۆپەيدى. نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، 8 - ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، بارلىق ئاھالىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلىشىدا سىياسەت بىردەك قوللىنىلغاندىن سىرت، يەنە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى ۋە رەسمىيەت بېجىرىش تەرتىپلىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېگرادىن نورمال، قانۇنلۇق كىرىش - چىقىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار تېز ھەرىكەتلىنىپ، كۆزنەك كۆپەيتىش، ۋاقىتنى ئۇزارتىش، «يېشىل يول» ئېچىش، «بىر كۆزنەكلىك، بىر قېتىملىق» مۇلازىمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى تەستىقلاش ئىشلىرى ئەڭ ئاز، تەستىقلاش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمەت سۈپىتى ئەڭ ياخشى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشتى. مەن 20 - ئاۋغۇستتىن 23 - ئاۋغۇستقىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتتىكىلەرنى زىيارەت قىلدىم، بارغانلا جايدا بەس - بەستە پاسپورت بېجىرىۋاتقان ھەر مىللەت ئامما ماڭا باش مالتىقىنى كۆرسىتىپ: بۇ ئىسلاھات ياخشى، ج خ تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى، دەپ ماختاشتى.

  ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈمدە تېز يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 12 - ئاۋغۇست ئاساسىي قاتلامغا مەخسۇس تەربىيەلەش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتتى، بۇ گۇرۇپپىلار جايلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرگۈچى خەلق ساقچىلىرى ۋە كۆزنەككە يېڭى يۆتكىلىپ كەلگەن خەلق ساقچىلىرىنى ۋاقتىدا تەربىيەلىدى ھەم كونكرېت خىزمەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر