- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتوماتىك جەدۋەل تولدۇرۇش سىستېمىسىنى قوزغاتتى، پاسپورت بىجىرىش ئۈچۈن تولدۇرۇلىدىغان جەدۋەلگە ئەڭ تېز بولغاندا بىر مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ
2015.08.25 14:01 مەنبە: خەلق تورى
24-ئاۋغۇست، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چېگرىدىن كىرىپ – چىقىشنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىسى لىي نىڭ پاسپورت بىجىرىشكە ئىلتىماس قىلغان ئاممىنىڭ ئاپتوماتىك سىستېمىدىن نۇسخىلىغان «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چگرىدىن كىرىپ ـ چىقىش رەسمىيىتىنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»گە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. (مۇخبىر ليۇ جىلوڭ فوتوسى)
ئىلگىرى پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغاندا ئادەم كۈچى بىلەن قولدا جەدۋەل تولدۇرۇلاتتى، ھەم ئاسانلا خاتالىق يۈز بېرەتتى ھەم ۋاقىتنى ئالاتتى؛ ھازىر ساقچى تەرەپ ئاپتوماتىك جەدۋەل تولدۇرۇش سىستېمىسىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىسىنىڭ پاسپورت بىجىرىش ۋاقتى تىجەلدى ھەم ئىش بىجىرىش ئۈنۈمى ئۆستى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن يول خېتى ۋە تەيۋەنگە بېرىش يول خېتى ئىلتىماس قىلغاندا ئىلگىرى 40 مىنۇت ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر ئېلېكتىرونلۇق جەدۋەل تولدۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ئەڭ تېز بولغاندا بىر مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ
24-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپتوماتىك جەدۋەل تولدۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى باشلىدى، بۇ سىستېما ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ 2-ئەۋلاد كىملىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇسىغا ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە سۈرەتلەرنى جەدۋەلنىڭ مۇناسىپ جايىغا ئاپتوماتىك تولدۇرۇپ، ئىلتىماس جەدۋىلى ئاپتوماتىك شەكىللىنىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان گۇۋاھنامە تۈرى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىلا جەدۋەلنى تولدۇرۇش ئاياقلىشىدۇ.
تۈنۈگۈن سائەت 12:00لەردە، مۇخبىر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چېگىردىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش گۇۋاھنامە بىجىرىش چوڭ زالىدا، شەھەر ئاھالىسى لى جىچياڭ مۇلازىمەت ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا جەۋەل تۇلدۇرۇۋاتاتتى. جەمئىي 1 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جەدۋەلنى تاپشۇردى. لىي جىچياڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ پاسپورت بىجىرىپ باققانلىقىنى، بىراق ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى ئەمدىلا پاسپورت بىجىرىش زالىغا كىرىپلا كومپىيوتېردا جەدۋل تولدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدى.
«ئىلگىرى مەن قولدا جەدۋەل تولدۇرغان بولغاچقا، بىر قانچە قېتىم خاتا تولدۇرۇپ قويۇپ، قايتىدىن جەدۋەل تولدۇرغان ئىدىم دېدى لى جى چياڭ. ھازىر پەقەت ئۆزىنىڭ كىملىك نومۇرىنى تولدۇرسىلا باشقا ئۇچۇرلار ئۆزى چىقىدىكەن، ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز ئىكەن، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكى پەقەتلا گۇۋاھنامىغا ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇرلىرى ئىكەن.
«كومپىيوتىر ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن گۇۋاھنامە بىجىرىش زالى يەنىلا كىشىلەرنى جەدۋەل بىلەن تەمىنلەيدۇ.» دېدى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقىشنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يۆلۈ.
پاسپورت بىجىرىش سۈرئىتى نىسبەتەن «تېز» بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تېخى پاسپورتنى ئالمىدى.
تۈنۈگۈن، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقشىنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يۆلۈ تونۇشتۇرۇپ مۇناق دېدى. 8-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى پاسپورت ئېلىش تەرتىپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى. تەرتىپ ئاددىيلاشقاندىن كېيىن، گۇۋاھنامە بىجىرىش زالىدىكى ئىلتىماس قىلىش مىقدارىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، نۆۋەتتە بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىجىرىلىپ بولغان پاسپورتنى تېخى ئېلىپ كەتمىدى.
ئېقىندالا گۇۋاھنامە بىجىرىش زالىنىڭ يېڭى ئادرېسى
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئېقىندالا جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئېقىندالا رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماق ئىدارىسى، كىملىك، گۇۋاھنامە بىجىرىش چوڭ زالى ليۇداۋەن يولى 1121-نومۇرلۇق يىكەنكۆل شىمالىي يولىدىكى ساقچىخانىدىن چىداۋەن كەنتىنىڭ 5-ئەترىتى، ئالاھدە ساقچىلار باش ئەترىتىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولۇپ، 33-يول ئاپتوبوسىغا ئولتۇرۇپ جاۋخۇ بېكىتىدە ماشىنىدىن چۈشسە بولىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر