- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بالىلارنىڭ قوش تىل مۇئەللىمىگە ئايلاندى
2015.08.20 15:25 مەنبە: خەلق تورى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ) ھەر كۈنى سەھەردە، توخۇلا يېزىسى خېلۋاپ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېت ھويلىسىدا، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقان ئاۋازى ياڭرىدى. 25-ئىيۇلدىن باشلاپ، كەنتتىكى يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى گۈلقىز ئەخمەت كەنتتىكى 70تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، قوش تىل دەرىسى ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
23 ياشقا كىرگەن گۈلقىز شەرقىي جۇڭگو پىداگوكىكا ئونۋېرستېتىنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى. كىچىكىدىن كەنتتە چوڭ بولغان گۈلقىز ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن خەنزۇتىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى ھەمدە كەنتتىكى قېرىنداشلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ھەر يىلى تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارغا قوش تىل دەرسى ئۆتتى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن، يەنە مائارىپ خىزمىتىدە ئۆزىنى چېنىقتۇردى.
يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى گۈلقىز ئەخمەت مۇنداق دېدى:«ھەر كۈنى 70كە يېقىن ئوقۇغۇچى كېلىپ دەرس ئاڭلايدۇ، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تاپشۇرىدۇ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ، بۇ يىل 4 - يىللىققا چىقتىم، ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە پىراكتىكا قىلماقچى ئىدىم، بۇ ماڭا بىر قېتىملىق سىناق ۋە ئۆز-ئۆزۈمنى چېنىقتۇرىدىغان پۇرسەت بولدى».
بۇ يىل باشلانغۇچ 4 - يىللىققا چىققان ئادىلجان قەھرىمان كۈندە دەرىسنى قېتىرقىنىپ ئاڭلايدىغان بولۇپ، گۈلقىزنىڭ دەرىسىنى بىر تەتىل ئاڭلىغاندىن كېيىن قوش تىل سەۋىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولدى.
توخۇلا يېزىسى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئادىلجان قەھرىمان مۇنداق دېدى :«تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى بىزگە خەنزۇتىلى كۇرسى ئېچىپ بەردى، گۈلقىز مۇئەللىم بىزگە قوش تىل ئۆگەتتى، مەن ۋە ئاتا - ئانام ناھايىتى خوشال بولدۇق».
ئىلگىرىكى يازلىق تەتىلدە، كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بولالمايتتى، بۇ يىل كەنتتە قوش تىل ئۆگىنىشى باشلانغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ يازلىق تەتىلى ئەھمىيەتلىك ۋە تەرتپلىك بولدى، بۇنىڭدىن نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى بولدى.
توخۇلا يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەقىدە قۇربان مۇنداق دېدى :«يازلىق تەتىلدە بۇ يەردە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، مۇئەللىم ۋە تاغىلار بىزگە كىتاب تارقاتتى، بەك خۇشال بولدۇق، ئاتا - ئاناممۇ بۇ يەردە دەرس ئۆگىنىۋاتقىنىمدىن بەك خاتىرجەم».
ئائىلە باشلىقى زۇلپىيە تۇرسۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى :«كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بالىلارغا قوش تىل سىنىپى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، بالىلار كۈندە كېلىپ قوش تىل ئۆگىنىدۇ، ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن دەرس تەكرار قىلىدۇ، مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ سىنىپنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن».
ئاپتونوم رايونلۇق قېزىلما ۋە كان بايلىقى ئىدارىسىنىڭ توخۇلا يېزىسى خېلۋاپ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى يازلىق تەتىللىك قوش تىل سىنىپى ئېچىشنى قوللاپ، بالىلار ئۈچۈن ئازادە =، پاكىز سىنىپ تەييارلاپ بەردى، خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە نۇرغۇنلىغان قوش تىل ئۆگىنىش كىتابى سېتىۋىلىپ بالىلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق قېزىلما ۋە كان بايلىقى ئىدارىسىنىڭ توخۇلا يېزىسى خېلۋاپ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇن ياسىن مۇنداق دېدى:«بۇ سىنىپ يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزىنى چېنىقتۇرىدىغان بىر پۇرسەت بولسا، كەنتتىكى بالىلار ئۈچۈن قوش تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىز شەرقىي جۇڭگو پىداگوكىكا ئونۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلقىزنى قوش تىل دەرسى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق، ھازىر سىنىپتا 70كە يېقىن ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇ كۇرسىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى».
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر