باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوشۇت ناھىيەسىدە 4.6 بال يەر تەۋرىدى، ناھىيە بازىرىدىمۇ قاتتىق سىلكىنىش بولدى

2015.08.11 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاۋغۇست چۈشتىن كىيىن 1دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيىسى (شىمالىي كەڭلىك 41.7 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87.8 گىرادۇس)دە 4.6 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10مىڭ مېتىر بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىمۇ قاتتىق سىلكىنىش بولدى.

  خوشۇت ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئورگىنى خىزمەتچى خادىمىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئالاقىدار تارماقلار خادىملارنى ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىمۇ قاتتىق سىلكىنىش بولغان،ئۆي ئىچىدىكى ئاسما بۇيۇملاردا يىنىك سىلكىنىش كۆرۈلگەن. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە كۆپ ساندىكى شەھەر ئاھالىسى ئۆيدە چۈشلۈك دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، كۆپ قىسىم ئامما يەر تەۋرىگەنلىكىنى ھېس قىلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر