باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا قانۇن بويىچە پاسپورت ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتى قەدىمى تېزلىشىدۇ

2015.08.06 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر بەلباغ بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ ماسلىشىش، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىش، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتىنى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىناق نۇقتىدا يولغا قۇيۇش خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز ئادەتتىكى پاسپورتلارنى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش. ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتنى ئىلتىماس قىلىش سىياسىتىنى بىردەك قىلىش بىلەن بىرگە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى، بىجىرىش تەرتىپلىرىنى قىلىپلاشتۇرۇش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ نورمال ھالەتتە چېگرىدىن قانۇنلۇق كىرىپ ـ چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى قارار قىلدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى قانۇن بويىچە پاسپورت تارقىتىشتا تۇرىدۇ. ئادەتتىكى پاسپوررتقا ئىلتىماس قىلغان تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر، نوپۇس دەپتىرى، ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك قاتارلىق ئالاقىدار سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى تاپشۇرغاندىن سىرت، سىرتقا ساياھەتكە چىقىدىغانلار ساياھەت ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن ساياھەت مۇلازىمەت ھەققى ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، چەتكە چىقىپ تۇغقان ياكى دوستنى يوقلايدىغانلار چەتئەلدىكى تۇغقان ياكى دوستنىڭ چەتئەلدىكى كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. چەتئەلگە سودا زىيارىتى بىلەن چىقىدىغانلار ئۆزى تەۋە بولغان شىركەتنىڭ ئۈنۈملۈك تىجارەت كىنىشكىسى، شىركەت ئاپپاراتىنىڭ كود نومۇرى، شىركەتنىڭ ئەۋەتىش خېتى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار مائارىپ بۆلۈمىنىڭ چەتئەلگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلغان چەتئەلدىكى مۇنتىزم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. باشقا شەخسىي ئىشلىرى بىلەن ئادەتتىكىدەك پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىدىغانلار ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتكە چىقىش، چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى». «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى»غا ئالاقىدار قانۇن نىزاملاردا چېگرىدىن چىقىشقا قانۇندا يولغا قۇيۇلمايدىغان كىشىلەرگە بىردەك پاسپورت قويۇپ بېرىلمەيدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلكى رەسمىيەتلەرنى يەنىمۇ ئاددىيلاشيۇرۇپ ۋە قىلىپلاشتۇرۇپ، ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىنى توختىماي كۆپەيتىپ. خەلق ئاممىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا بىجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش، سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇش.جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى، بۇ بىر تۈرلۈك ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان، ئاھالىلەر ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە خالىغان ۋاقىتتا پاسپورت بىجىرىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئالدىراپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر