بۇ يىل يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان مەدەنىيەت يولىدىكى مەنزىرە بەلبېغىدىن كۆرۈنۈش
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نىياز راھمان، ئابلىكىم ھەسەنلەر خەۋىرى ، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل شەھەر قىياپىتىنى ياخشىلاش، مەنزىرە بەلبېغى ۋە يېشىللاشتۇرۇش بەلبېغى بەرپا قىلىش تۈرىگە 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ياخشى بولغان مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇردى .