- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق ئەسلىدىكى داۋالىنىش كارتىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىغا ئالماشتۇرىلىدۇ
2015.07.30 16:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىگىلىنىشچە، 27-ئىيۇلغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي10مىليون 595مىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىلغان. « 12 -بەش يىللىق»كارتا تارقىتىش ۋەزىپىسىنىڭ 92.13%ى تاماملانغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تەدرىجىي ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش ۋە تۈرلۈك تەمىناتتىن بەھىرلىنىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىغا ئايلانغان. 2013-يىلى يىل ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەھەر، بازارلاردا سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشنى، تەمىنات ئېلىش قاتارلىق كەسپ ھالقىسى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2014- يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ ئاۋال ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا باغلانغان پۇل مۇئامىلە ھېساباتى ئارقىلىق ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش ، ۋاكالىتەن چىقىم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئەسلىدىكى داۋالىنىش كارتىسى (گۇۋاھنامىسى)نىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە، بورتالا ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پۈتۈن ئالماشتۇرۇش خىزمىتى تاماملانغان، سانجى ئوبلاستى ، تارباغاتاي ۋىلايىتى 10 – ئايغىچە تاماملىنىدىكەن، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست شەھەرلەر بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە كەينى - كەينىدىن تاماملايدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر