- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئونسۇ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى
2015.07.28 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: 26-ئىيۇل ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جۈن باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى تەكشۈردى.
ناھىيەلىك خەنۋو قۇرلۇش ماتېرياللىرى شەھەرچىسىدە ، ۋاڭجۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ دوكىلاتىنى ئاڭلاپ ، كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىدە كۆرۈلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ، ئىشچىلار ئۇرۇشمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.ۋاڭ جۈن ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇرۇشمىسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى ئەھۋالىغا قارىتا پىكىر ۋە تەكلىپىنى بەردى . ھەمدە ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن خىزمەت تەشكىلىي قۇرلۇشىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ، ناھىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، تېخىمۇ كۆپ كۈچلەرنى كارخانىلارىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا سەپەرۋەر قىلىپ ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر