- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋا رايى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى،بىر قىسىم رايونلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃ 40تىن يۇقىرى بولدى
2015.07.24 16:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 13-ئىيۇلدىن بۇيان شىنجاڭ كەم ئۇچرايدىغان يۇقىرى تېمپىراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،22-ئىيۇل يۇقىرى پەللىگە يەتتى،بىر قىسىم رايونلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃40قا چىققان بولۇپ،تۇرپان ئويمانلىقىدىكى رايونلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃45 تىن يۇقىرى بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە ،22-ئىيۇل كېچىدىن باشلاپ ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى بارا – بارا ئاخىرلىشىدىكەن،26-ئىيۇل يەنە بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، جەنۇبىي شىنجاڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى.ئاستا-ئاستا ئاخىرلىشىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر