- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەھىرىمىزنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى
2015.07.24 16:23 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەھىرىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان توكى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 13.44% ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ ئېشىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇنىڭ ئارىسىدا يېزا - كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 22.18% ئاشتى.
مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا 157 تۈرلۈك يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قىلىنىپ، يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلمىسى ئاجىز بولۇشتىن كېلىپ چىققان توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق، «توك بېسىمى تۆۋەن بولۇش» قاتارلىق توك ئىشلىتىش مەسىلىلىرى تەدرىجىي ھەل قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئۈرۈمچى ناھىيەسى، مىچۈەن - كۆكتاغ رايونى، شەھەرنىڭ غەربى، ئوتۇنكوزا قاتارلىق قىسمەن جايلاردا ئاپتوماتىك پۇل تاپشۇرۇش تېرمىنالىدىن 40 ى، كارتىنى ئوقۇپ يېزىش ئۈسكۈنىسىدىن 80 ى ئورنىتىلىپ، يېزا - كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ توك سېتىۋېلىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر