خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئىيۇل، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى بىەلن ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى «بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆز ئارا تولۇقلاش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» پرىنسىپى ئاستىدا ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق رامكىسى كېلىشمى ئىمزالىدى؛ ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئېلان بايلىقىغا قارىتا كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرتىپكە سېلىش ئىلىپ بېرىپ، تاراتقۇ، توردا سېتىشنى پىلانلاش، ئاۋىئاتسىيە ژۇرنىلىنى تەييارلاش، تارقىتىش، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت شۇنداقلا پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، ساياھەتچىلىك، مېھمانساراي قاتارلىق تەرەپلەردىن ھەمكارلىشىش پىلانىنى تۈزدى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ دامىڭ مۇنداق بىلدۈردى، بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىقر امكىسى كېلىشمى ئىككىلا تەرەپنىڭ تىجارەت تۈرى ئەۋزەللىكىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزىدۇ.
ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۈچ دانە B737-800 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا، لەنجۇ، شىئەن، چېڭدۇ، جېڭجۇ قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرى بار.
بۇ شىركەتنىڭ لىدىرى جاڭ جىڭشېڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا، 4-ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە قوزغىلىپ ئارىلىقتا لەنجۇدا توختاپ ليەنيۈنگاڭغا بارىدىغان لىنىيە، چاڭشا لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا شىركەت بۇ يىل يەنە 2 دانە كىچىك B737—800تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈردىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى