ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسى 16 – ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى.
ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىشى ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى، شۇنداقلا بىرقاتار ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىشىدا ساياھەتچىلىك تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ، بۇلتۇرقى ساياھەتچىلىك چېكىنىپ كېتىشدىن قۇتۇلغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلەت ئىچىدىن 156 مىليون 842 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتىۋېلىنىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %15.78 ئېشىپ، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 22 مىليارد 70 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ چېگرىدىن كىرگەن 667 مىڭ 700 ساياھەتچى (قېتىم) كۈتىۋېلىنىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %7.82 ئېشىپ، 183 مىليون 607 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرىۋوتى يارىتىلغان.
ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت A5 دەرىجىلىك سەيلىگاھلار ئىستاتېستىكا ئۇچۇرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ھەرقايسى سەيلىگاھلارنىڭ ساياھەتچى كۈتىۋېلىشى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى %24 دىن ئاشقان. كۆكتوقاي سەيلىگاھنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %85.4 گە يەتكەن.