- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئونسۇ ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەدەنىيەت تەشۋىقات خىزمىتى تېلىۋىزىيە تېلىفۇن يىغىنى ئاڭلىدى
2015.07.14 16:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: 9-ئىيۇل، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مۇناسۋەتلىك تارماقلاردىكى خادىملار ئاقسۇ ۋىلايەتى ئاچقان ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەدەنىيەت تەشۋىقات خىزمىتى تېلىۋىزىيە تېلىفۇن يىغىنىنى ئاڭلىدى، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى كونكىرت ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاخبارات تەشۋىقاتچىلىرى ۋە ئىنتېرنېت تورى سېپى زىممىسىدىكى بۇرچنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، ئەلا نەتىجە ئارقىلىق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتىۋىلىشى لازىم.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋىلايىتىمىزنىڭ ئاخبارات-تەشۋىقات ۋە ئىنتېرنېت تورى سېپى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، ئاساسىي تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تەييارلىق خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاخبارات-تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جېلىل خېلىل ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئونسۇ تارماق يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر