باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئۈچ جايدىكى پۇقرالار ساياھەت پاسپورتىنى ئۆزى ساقلىسا بولىدۇ

شىخەنزە، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قاراماي شەھەرلىرىدە يېڭى پاسپورت سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ

2015.07.13 13:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن كېيىن، شىخەنزە قاتارلىق ئۈچ جايدىكى پۇقرالار ساياھەت پاسپورت بىجىرگەندە ئۆزى ساقلىسا بولىدۇ

  9-ئىيۇل مۇخبىرنىڭ شىخەنزە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە سۇنۇشى، مەركەزنىڭ تەستىقى بىلەن، بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ شىخەنزىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە دائىر پىكىر» سىناق نۇقتا قىلىنغان. ئىككى ئاي يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە يېڭى سىياسەت ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ،ــ دېدى، شىخەنزە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن چيەن. ئىگىلىنىشىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى شۇنداقلا قاراماي شەھىرىمۇ سىناق نۇقتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پاسپورت بىجىرىش سىياسىتى تەڭشىلىپ، قىسمەن ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى ئاددىيلاشقان. مەسىلەن، ئادەتتە بۇ ئۈچ جايدىكى ئاھالىلەر ئادەتتىكى پاسپورتقا ئىلتىماس قىلسا، نوپوس دەپتىرى، كىملىكى (چوقۇم ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك بولۇشى كېرەك)، خىزمەت ئورنىنىڭ پىكرى شۇنداقلا باشقا ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىغا ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىسە بولىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر