باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا كەنتلەردىكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى

2015.07.09 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 1 مىليۇن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت بازىسىنى مۇستەھكەملىدى ۋە ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سەرخىل بولغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

  ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ۋە مەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇ ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچى ئاممىسىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىەيتلىرى كۆپەيدى ۋە موللاشتى. قەرەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلغاندىن باشقا، ئامما ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىگە كېلىپ، ۋاسكىتبول، ۋالىبول، تەپكۈش تىپىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئىشتىياق بىلەن قاتىشىپ، قىزغىن مەدەنىي كەيپىيات شەكىللەندى. ئوقۇغۇچىلارمۇ يازلىق تەتىل ۋاقتىدىكى دەم ئېلىش كۈنىدە ئۆز يۇرتتىدىكى مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق-ئالاقە كۈچىيىپ، تىنچلىق قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپۈتىمۇ ئۆستى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر