باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ‹‹بەشنى تونۇش››تا چىڭ تۇرۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك

2015.07.03 19:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹بەشنى تونۇش››تا چىڭ تۇرۇش ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹بەشنى تونۇش›› توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا يەتمەكچى بولغان تۈپ نىشان. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ‹‹بەشنى تونۇش›› تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ۋەتەننىڭ ئۇزاق تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ساۋاق ئېلىش، تەربىيەگە ئىگە بولۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيورۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن ئۈزۈندە.

  14 – ئىيۇن چاقىرىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بىردەك: ‹‹بەشنى تونۇش››تا چىڭ تۇرۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز، دېيىشتى.

  قۇدرەتلىك ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، ھېچنىمىمىز بولمىغان بولاتتى

  شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابىت قازىباي مۇنداق دېدى: ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق قۇرۇپ چىققان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىغان. مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن سىز بىر پۇقرا، جۇڭگو زېمىنىدا ياشىغان ئىكەنسىز جەزمەن ۋەتەننى سۆيۈپ، قانۇنغا رىئايە قىلىشىڭىز شەرت، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشى مۇقىم، تىنچ مۇھىتقا موھتاج، قۇدرەتلىك ۋەتەن بولمىسا، ھېچنىمىمىز بولمىغان بولاتتى.

  ئابىت قازىباي مۇنداق دېدى: دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھېمايە قىلىمەن، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنىلىكى سىياسىتى بولغاچقىلا، دىن بۈگۈنكىدەك ئىناق تەرەققىياتقا ئېرىشەلىدى. ھازىر دۆلەت ھەر قايسى جەھەتلەردىن دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلگەچكە، دىنىي زاتلار دىنىي ئەقىدىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىش شارائىتىغا ئىگە بولدۇق، شۇڭا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن تۆھپە قوشىشىمىز كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ‹‹بېيفاڭ›› مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى ياۋ دېشياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن – ئاخىر خەلقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى. مەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، پۇقرالار تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىدىن نەپكە ئېرىشتى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىدىن ئۈمىد زور. مانا بۇلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرەلەيدىغانلىقىنىڭ دەلىلى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ دەلىلى.

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللا مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق بەرپا قىلغان، ئۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، شىنجاڭ كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت مەركەزلەشكەن رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقىگە ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  خۇشۇت ناھىيەسى گەنجۈر بۇتخانىسىنىڭ ئۆلىماسى جۇڭ نەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرگەن جاي، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق ئىككى بېلىكىگە تايىنىپ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىققان. بۇتخانىمىز موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋىي تېبابەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ موڭغۇل تېبابىتى شىپاخانىسى قۇرۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەر مىللەت خەلقنىڭ، جۈملىدىن جاي – جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ كەلدى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بەزى كىشىلەرگە دورىلارنى ھەقسىز بەردى، ھەر مىللەت خەلق ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئېجىل – ئىناق ئۆتىۋاتىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئوتتۇرا كۆۋرۈك شىمالى مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇرسۇنجان مەسۇم مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىسلام مەدەنىيىتى ناھايىتى بۇرۇنلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە قوشۇلۇپ كەتكەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغاندىلا، ئىسلام مەدەنىيىتى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  سانجى شەھىرى ‹‹شىشېڭ›› شەپقەتكار بۇتخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شى پۇتۇڭ مۇنداق دېدى: بۇددا دىنىنىڭ ئەنئەنىسى دىننى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشنى ئېتىقادنىڭ يادروسى دەپ قاراشتىن ئىبارەت، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئۆزىمىزنىڭ توغرا قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرەلەيمىز. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت، بۇددا دىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىناق ئۆتۈش، ئەپۇچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ‹‹بەشنى تونۇش›› قارىشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش

  خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسى سەيچى ئاقتاش كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۇبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز مۇنداق دېدى: خوتەندىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بۇ يىل 4 – ئايدىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلار، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن بىرلىكتە پۇقرالارنىڭ ئارىسىغا چۆكتۇق، ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق قاتارلىق ئەقىدىلەرنى ۋەز – تەبلىغ قىلىپ، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان گۇمانىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىدۇق. ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى سەنئەتكارلار مەشرەپ ئويناپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسەت، قانۇن – نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، دوختۇرلار ئائىلىلەرگە بېرىپ كېسەل كۆرۈپ، دورا بېرىش، پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە پەن – تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتۇق.

  ئۇبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى پائالىيەتلەر ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشتە ئەمەلىي ئۈنۈم بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى تونۇش›› قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى كۆۋرۈكى ۋە ۋاسىتىچىسى بولىمىز.

  تۇرسۇنجان مەسۇم مۇنداق دېدى: دىنىي زات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ باشلامچىسى ھېسابلىنىمىز، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، كىچىك ئىشلاردىن تۇتۇش قىلىپ، دىن ئىناقلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇم قىلىمەن. ياخشى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىپ تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر