- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى2015-يىلى 6-قېتىملىق مەركەزلىك ئۆگىنىش ئېلىپ باردى
2015.07.03 15:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز، راھىلە مۇرتىزا ،ئامانگۈل خەۋىرى: 30-ئىيۇن ، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى 2015-يىلى 6-قېتىملىق مەركەزلىك ئۆگىنىش ئېلىپ باردى ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ، تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ناھيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى .
ئۆگىنىش داۋامىدا ، ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىىرش مۇتەخەسسىسى ، ئالىي لېكتورى ، رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىنژېنېرى جاڭخاۋ 《بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمىدىن 》مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇيەن كۆپچىلىك بىلەن بىرگە《ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى بىر قانچە پىكرىنىڭ》 روھىنى ئۆگەندى ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى، پارتكوم شۇجىسى جۇ جىجيې 《ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامىنى) سىناق( تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى》 يەتكۈزدى ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ، تەشكىلات بۈلۈمىنىڭ باشلىقى جۇيىڭشەن كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ھازىرقى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر يەنى « نورمال دىنىي پائالىيەت ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى قانداق توغرا پەرقلەندۈرۈش》، 《يۈزىنى ئوراپ ئۇزۇن تون كىيىشنى تۈزەشنى قانداق توغرا تونۇشنى》ئۆگەندى .
جاۋلى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى : ھەر قايسى ئورۇنلار نىشان-ۋەزىپىنى سېلىشتۇرما قىلىپ ، يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى ؛ خىزمەتلەردىكى ئاجىز نۇقتىلارنى تەھلىل قىلىپ ، كېيىنكى يېرىم يىلدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كېلىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشى ؛ . ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەۋى تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، تەپسىلاتلاردىن تۇتۇش قىلىپ ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشى ؛ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى پىكىر يولىنى كۈچەيتىپ ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ ، ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ ، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر