باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 2015-يىللىق ئالىي مەكتەب ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلابلىق قىلغان 57 ئىمتىھان بەرگۈچى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2015.07.02 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئابتۇنۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، شىنجاڭدا بەلگىلىمىگە خىلاب ھالدا ئىمتىھان بەرگەن 57 ئوقۇغۇچى بايقىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى. «دۆلەت مائارىپى ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلابلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»گە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 12 نەپەر ئىنتىزامغا خىلاب ئىمتىھان بەرگۈچىگە يەككە پەن نەتىجىسى نۆل نومۇر، 45 نەپەر كۆچۈرمىچىگە ھەممە پەن نەتىجىسى نۆل نومۇر بولدى(بۇنىڭ ئىچىدە 4 كىشىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى بىر يىللىق ۋاقىتلىق توختىتىلدى).

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مەخسۇس شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ئارقىلىق 57 نەپەر بەلگىلىمىگە خىلابلىق قىلغان ئوقۇغۇچىنى خەۋەرلەندۈردى ھەمدە قائىدىگە خىلابلىق قىلىش پاكىتىنى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپىغا تۇرغۇزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر