باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت ئەتىرىتى رەھبەرلىرى يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى ھەرقايسى مەسچىتلەرگە بېرىپ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلىدى

2015.06.19 16:26   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايوننىڭ كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت ئەتىرىتى رەھبەرلىرى يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى ھەرقايسى مەسچىتلەرگە بېرىپ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇھەممەتجان جېلىل،زاھىر توختى خەۋىرى) 2015-يىل 6-ئاينىڭ17- كۈنى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى،بىرلىكسەپ بۆلىمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى يولداش ئەنىۋەر ئابلا خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى باشلاپ، يېڭىشەر يېزىسىدىكى مەسچىتلەرگە بېرىپ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلىدى ،ھەم رامىزان ئېيىدىكى دىنىي پائالىيەت، مەسچىتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى ..قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى:يولداش ئەنىۋەر ئابلا مۇنداق دېدى: ئوبلاستلىق پارتكۇم،خەلق ھۆكۈمىتى رامىزان ۋاقتىدىكى نورمال دىنىي پائالىيەتنىڭ تەرتىۋىگە ۋە ئامانلىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ،ھەرقايسى دىنىي زاتلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پارتىيە ھۆكۈمەتكە يېقىندىن ماسلىشىپ،نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئىشلارنى قىلدى، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي، ئىسلام دىنىڭ ئىتتىپاقلىق ،ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى تەكىتلەپ ،بارلىق مۇسۇلمان ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداشقا يېتەكلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن دېدى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

  يولداش ئەنىۋەر ئابلا دىنىي زاتلاردىن رامىزان ئېيىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىنى، يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى، ھەم دىنىي زاتلاردىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ئىناق، ئىتىپاق بولغان مۇھىت يارىتىپ، يامان نىيەتلىك كىشلەرنىڭ رامىزان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،پائالىيەتلەرنى نورمال تەرتىپ بويىچە قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارمۇ بىردەك:« ئىدىيە ۋە ھەركەتنى مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تېخىمۇ جارىي قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا باشلامچىلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل يۇرت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ››دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…