باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت كارتىسى ئارقىلىق ھىسابات قىلىش تۈزۈمى چىرىكلىشىشنى مەنبەدىن توستى

2015.06.18 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ:يېقىندىن بۇيان، باي ناھىيەسى «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نى يەنىمۇ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت كارتىسى ئارقىلىق ھىسابات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەمۇرىي خىزمەت تەنەرخىنى تۈۋەنلىتىپ، چىرىكلىشىشنى مەنبەدىن توستى.

  ئىگىلىشىمچە، ھۆكۈمەت كارتىسى ئارقىلىق مەجبىرىي ھىسابات قىلىش تىزىملىكىدە خىزمەت خىراجىتى، ماتېرىيال بېسىش ھەققى، سۇ، توك پۇلى، كاماندرۇپكا ھەققى، رېمونت (ئاسراش) ھەققى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش ھەققى، مەخسۇس ماتېرىيال ھەققى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش، ئاسراش ھەققى، قاتناش ھەققى قاتارلىق 16 خىل ھەقنى جەزمەن ھۆكۈمەت كاراتىسى ئارقىلىق ھىساپ قىلىش ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئورۇنلاردىكى مالىيە خادىملىرىدىن مالىيە-ئىقتىساد تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاتچوت قىلىنغۇچى كۆرسەتكەن كارتا سۈرۈش تالونى ۋە باشقا تالونلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئاتچوت قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇنلىرىنى ئاتچوت قىلىپ، ئاتچوت قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەسلىرىنى شۇ كىشىدىن تۆلىتىش تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خامچوت ئورۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمەت كارتىسى ئارقىلىق ھىسابات قىلغاندىن كېيىنكى نەق پۇل باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئېىق تەلەپ قويۇلۇپ، پەقەت ھال سوراش، قۇتقۇزۇش، نەپىقە بىرىش، دەپنە ياردەم پۇلى بىرىش ۋە ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا كارتا سۈرۈش ئارقىلىق ماي قاچىلاش ياكى ئاپتوموبىل رېمنت قىلىش شەرتى بولماسلىقتەك بەش خىل ئەھۋالدا نەق پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا ئاندىن نەق پۇل بىلەن ھىسابات قىلىش بەلگىلەنگەن.

  باي ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ جۈنجې مۇنداق دىدى: «ھۆكۈمەت كارتىسى ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئىشلىتىشكىمۇ قولاي، ئاشكارىلىقى يوقىرى بولغاچقا، بارلىق چىقىم ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بولىدۇ، ھۆكۈمەت كارتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مالىيە ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، چىرىكلىكنى مەنبەدىن تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بولسۇن ياكى ئورۇنلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشتە بولسۇن ئوخشاشلا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر