- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى: پالەچ ئايالىنى 20 يىل باققان ئەزىمەت ئەر
2015.06.16 16:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ چېدىر يېزىسى 4-گۇرۇپپىدىكى ئۇيغۇر دېھقان توختى كېرەم 20 يىلدىن بۇيان پالەچ ۋە ئەما ئايالىغا قاراۋاتقان بولۇپ، بىر ئۆمۈر ھەمدەم بولۇش، ئايرىلماسلىقنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن، بىر ئەرنىڭ مەسئولىيىتى ۋە كۆتۈرۈشلۈكىنى نامايان قىلغان بىر ئەر.
1991-يىلى، كېلىشكەن توختى كېرەم ۋە چىرايلىق كەلگەن ئايشەمگۈل ئىسلام ئائىلە قۇردى. بەختلىك تۇرمۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تېخى بالىلىق بولۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئايشەمگۈل 1995-يىلى رىماتىزىمنى ۋاقتىدا بايقىمىغانلىق سەۋەبلىك ئاستىنقى بەدىنى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. كۆپ قېتىم دوختۇرخانىلارغا بارغان بولسىمۇ «بالدۇرراق بىر قارارغا كېلىپ، كېيىنكى ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى تاپىلاش بولدى. ئايشەمگۈل يولدىشىنى چاردۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا باشقا بىرىنى تېپىۋىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان. بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر توختىغا يەنە لايىق تونۇشتۇرغان، بىراق بىر ئەر، بىر ئوغۇلبالا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى چاغدىكى نىكاھلانغان ۋاقىتتا بەرگەن قەسىمىنى ئېسىدە چىڭ تۇتقان توختى كېرەم يەنىلا بىر ئەرنىڭ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئايالىنى ياخشى كۈتكەن. توختىنىڭ ئايالىغا بولغان مېھىر ـ مۇھەببىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، توختىنىڭ ياخشى كۈتۈشى ئارقىسىدا ئايشەمگۈل كۈندە كېسەل ئالۋاستىسى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ 20 يىلغىچە مۆجىزىلەرچە ھايات ياشاپ كەلمەكتە.
2008-يىلى تويۇقسىزلا ئايشەمگۈلنىڭ ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلاشتى. ئۇ يولدىشىنىڭ تارتقان جاپالىرىغا چىدىماي نەچچە قېتىم بۇ دۇنيادىن ئايرىلماقچى بولغاندا توختى ۋاقتىدا بايقاپ قىلىپ ئايالىنى قۇتقۇزۇۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، توختى ئايالىدىن بىردەمۇ ئايرىلنايدىغان بولغان، ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن. گەرچە توختىنىڭ زىممىسىدىكى يۈكى ئېغىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سەمىمىي ۋە ساپ سۆيگۈسى بۇ ئائىلىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن شۇنداقلا ئايالى ئۈۋچۈن بىر مۇھەببەتكە تولغان ئائىلە ھازىرلىغان. ھە كۈنى سائەت 6:30دا توختى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالىنىڭ تەرەت قىلىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەندىن كېيىن، بەدەنلىرىنى سۈرتۈپ، 1-2 سائەتكىچە ئۇۋىلاپ قويغاندىن كېيىن سۇ قاينىتىپ ئەتىگەنلىك تاماق تەييارلايدىكەن. ھويلىنى سۈپۈرۈش، مال ـ ۋاراننى بېقىش، ئورۇن ـ كۆرپىلەرنى تازىلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چۈشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سۈپۈرگە بوغۇش، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىش، مال ـ ۋاراننى توقلاش قاتارلىقلار بىلەن ئالدىراش بولىدىكەن. دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە توختى قولۇم ـ قوشنىلىرىنى ياردەمگە چاقىرىدىكەن ۋە ئىشى تۈگىگەن ھامان قايتىپ كىلىپ ئايالىغا ھەمراھ بولىدىكەن.توختىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشى ئارقىسىدا، ئايالىنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلەر يېشىلىپ كەيپىياتى كۆپ ياخشىلانغان. دۆلىتىمىزنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرى شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىر ـ ئاممىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا، توختىنىڭ تۇرمۇشىدا بىر قاتار ياخشىلىنىشلار بولغان، ھەر ئايدا تولۇقلىما ياردەم بېرىش بىلەن بىرگەن بىخەتەر ئۆيلەرگە ئېرىشكەن توختىنىڭ يۈزىدە كۈلكە جىلۋىلەنگەن.
«مەن ئايالىمغا ۋەدە بەرگەن، مەن ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ياخشى قارايمەن.» بۇ بىر ئاددىي ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئايالىغا بولغان سۆيگۈسى ئالدىدىكى قەسىمى، شۇنداقلا بۇ قەسەم 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئايرىلماي كېلىۋاتقانلىقنىڭ ھەرىكەت بۇلىقى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر