- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ بوكس كوماندىسى بىر ئالتۇن مېدال، ئۈچ مىس مېدال ئالدى
4 ماھىر دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى
2015.06.03 16:40 مەنبە: خەلق تورى
ماتېرىيال سۆرەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى): ئاپتونوم رايونلۇق بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 29-ماي ئاخىرلاشقان 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى جەمئىي بىر ئالتۇن مېدال، 3 مىس مېدال، ئىككى ماھىر بەشىنچى بولۇشتەك نەتىجە ياراتتى، مېدالغا ئېرىشكەن 4 ماھىر ئاسىيا بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگو بوكس كوماندىسىغا تاللاندى.
2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 24-مايدىن 29-مايغىچە شەنشى ئۆلكىسى شيەنياڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 10 دەرىجە بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، مەملىكەت بويىچە 38 كوماندىدىن 270 تىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
شىنجاڭ كوماندىسى 15 تەنھەرىكەتچى قاتناشتۇرغان بولۇپ، مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگراملىقلار بويىچە رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ يېڭىپ چېمپىيون بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىللىق ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بۇ يىل 7-ئايدا تايلاندنىڭ باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر