- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۈگۈردە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
2015.06.01 11:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسىدە 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلىمى ، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىيۇ – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشىق ھەرقايسى يېزا ، بازار ، مەمۇرىي ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ « جوڭگۇ ئارزۇسى ، ئەمگەك شەرەپلىك ، شىنجاڭ ياخشى جاي » تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى .
مۇسابىقىدە ھەر مىللەتتىن بولغان 32 نەپەر ماھىر جوڭگۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، ئىش ئورنىدا تۆھپە يارىتىش ۋە يۇرتىنى سۈيۈش روھىنى جارى قىلدۇرۇش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ، كوللىكتىۋىزىملىق روھى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ، توغرا بولغان يادرۇلۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئېسىل خىسلىتى ۋە ئەمگەكنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتەك ئەتىراپىدا ۋە جەمىئيەتتە يۈز بەرگەن تەسىرلىك ئىشلارنى جانلىق تىل ، چۈشىنىشلىك بايانلار بىلەن ئەتىراپلىق شەرھىيلەپ ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى . ئاخىرىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئالدىنقى ئۈچۈنچىلىككە ئېرىشكەن يەتتە كىشى ، مۇنەۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ كىشى ، ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بەش كىشى تەقدىرلەندى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر