- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۈگۈر ناھىيەسىدە يېزا ئاساسىي قاتلام ئايال كادىرلىرى تەربىيلەندى
2015.06.01 11:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 5 – ئاينىڭ 27 –كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە ناھىيە تەۋەسىدىكى 11 يېزا ، بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىرى ، 65 مەمۇرىي كەنىت ۋە 13 ئاھالىلەر كومىتىتلىرىنىڭ ئايال كادىرلىرىدىن بولۇپ 89 نەپەر يېزا ئاساسىي قاتلام ئايال كادىرلىرىنى تەربىيلەش كۇرسى ئاچتى .
بەش كۈن داۋاملاشقان بۇ كۇرۇستا كۇرسانتلار پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى تۈرلىك فاڭجىن ، سىياسەتلىرى ؛ دىن « ئەسەبىيلىك ئىدىيە » سىنىڭ يىلتىزى ، خەۋىپى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇش ، قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ۋە تۈگىتىش ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۇزاق مۇددەت تەۋرەنمەستىن داۋاملاشتۇرۇش ؛ كەڭ يېزا ئاياللىرى ئارىسىدا « ئۈچنى ئۈگىنىش ، ئۈچتە بەسلىشىش » مۇسابىقىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ، ئاياللارنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ؛ « ئاياللار ئائىلىسى » نى باشقۇرۇش تۈزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ؛ « گۈزەللىك قۇرۇلىشى » نى ئەتىراپلىق راۋاجلاندۇرۇش ؛ « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى » ۋە « كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ساغلام تۇرمۇش پەرپا قىلىش » بىلىملىرى ھەققىدە ئەتىراپلىق تەربىيلىنىپ ، ئاساسىي قاتلام ئاياللار تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى .
تەربىيلەش داۋامىدا كۇرسانتلار ناھىيە ئىچىدىكى دىن « ئەسەبىي ئىدىيە » نى تۈگىتىشتىكى ئىلغار ئورۇنلار ، پەن – تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە چىۋەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئائىللىرى ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم تىكىش كارخانىلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىنىپ ، ئىلغار تەجىرىبىلەرنى ئۈگىنىپ ، ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا يېزا ئاياللىرىنى ئىناق جەمىيەت يارىتىپ ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشكە مول تەجىربە توپلىدى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر