باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپىسى مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ سۇغىرىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى

2015.05.28 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋەر قىلىدۇ: ئونسۇ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن كومسۇمۇللا مەيداننىڭ قارابۇيۇن كەنتىگە چۈشكەن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپىسىدىكى خادىملار ناھىيە مالىيەسىدىن پۇل ھەل قىلىپ، 30 دانە سۈڭگۈچ سېتىۋىلىپ،10 يىل رېمونتسىز قالغان ئۆستەڭنى رېمونت قىلىپ قىلىپ بەردى. 26-ماي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى جام بازىرى قارابويۇن كەنتىگە 10 مىڭ يۈەن پۇل چېكىنى ئاپىرىپ بېرىپ، شۇ يەردىكى دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە ئۆستەڭ رېمونت قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى . شۇ كۈنى، قارابويۇن كەنتىدىكى ئۆستەڭ بويىدا مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى ھېرىپ چارچاشتىن قورقماي، دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە ئورا كولاپ، سۈڭگۈچ سېلىپ، توپا دىندۇردى، بۇ ۋاقىتتا تېمپۇراتۇرا 20 سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئارام ئالماي ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .

  جام بازىرى قارابويۇن كەنتىدىن دېھقان توختى قۇربان مۇنداق دېدى:«ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى كەنتىمىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىزگە پۇل ئىئانە قىلىش بىلەن بىرگە، بىز بىلەن تەڭ ئەمگەك قىلىپ، بىزگە ئەمەلىي ئىش قىلىشىپ بەردى». ئىگىلىنىشىچە، قارابويۇن كەنتى ئاشلىق تېرىشنى ئاساس قىلىدىغان كەنتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆستەڭ قۇرلۇشىغا مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆستەڭلەر رېمونتسىز قېلىپ، يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى، ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىپ، ئۆستەڭنى رېمونت قىلىشىپ بەردى. ھازىر كەنتتىكى 10 يىل رېمونتسىز قالغان ئۆستەڭ ئاساسىي جەھەتتىن رېمونت قىلىنىپ بولدى .

  ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن خېڭ ۋېيشىڭ مۇنداق دېدى:«قارابويۇن كەنتى بولسا بىزنىڭ يۆلەش نوقتىمىز، بىز كەنتكە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدۇق، بىزنىڭ ئىدارىدىن كەنتكە چۈشكەن كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۇغىرىش جەھەتتە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بايقاپتۇ، شۇڭا ئۇلارغا بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك بۇرچىنى ئادا قىلدۇق».

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر