باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ماھارەت سەھنىسى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى

2015.05.28 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 5-ئاي ئاپتونۇم رايۇننىڭ 33-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى. ھەر مىللەت ئاممىسىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىىلىسىدە تەربىيەگە ئىگە قىلىپ تاۋلاش ئۈچۈن، 23-ماي باي ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن ناھىيەلىك رادىئو-تېلۋىزىيە ئىدارىسى سۈرەتكە ئالىشنى ئۈستىگە ئالغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېمىسىدىكى تالانتىنى نامايەن قىلىش ماھارەت سەھنىسى پائالىيىتى سايرام بازىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  پائالىيەتتە سايرام بازىردىكى سەنئەتتە تالانتى بار تاللانغان خەلق سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئۇسۇل، ناخشا، ئىتوت قاتارلىق سەرخىل نومۇرلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنى مەدھىيلىدى.

  بۇ قېتىمقى تالانتىنى نامايەن قىلىش ماھارەت سەھنىسىدە سايرام بازىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىپلا قالماستىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ياخشى كەيپىياتى پەرپا قىلىندى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىدىيەسى ئۆزگەرتىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە ئىگە قىلىندى.

  بازارلىق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن شۇجىسى گو جىچاڭ مۇنداق دىدى: 5-ئاي ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ 33-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى. بازىرىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما قىلىنغان تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان ماھارەت سەھنىسى ئېلىپ بېرىلىپ، ئاممىنى پىكلىر ئالماشتۇرۇش، ئارلىشىش، ئالاقىلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش سەھنىسى بىلەن تەمىن ئەتتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاھالىلەرنىڭ بىر خىل نورمال تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ قالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر