باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسىدە نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلىشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا

2015.05.28 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان « بىر بەلباغ ، بىر يول » ئستىراتىگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ، نۇقتىلىق كارخانىلارغا بولغان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ ، نۇقتىلىق كارخانىلار ئارقىلىق سانائەت ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنى چىڭ تۇتقانلىقتىن ، نۆۋەتتە سانائەت كارخانىلىرىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا .

  ئىگىلىنىشچە ، بۈگۈر ناھىيەسىدە بۇ يىل يېڭىدىن ئىش باشلىغان سانائەت تۈرلىرى 22 بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەمدىن يۇقىرى نۇقتىلىق تۈر بەشكە يەتكەن . بۇلار تىئەنشىڭ خېمىيە سانائىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى چەككىلەش ۋە ئونۋىرسال پايدىلىنىش تۈرىنىڭ لاھىيەلىنىشى پۈتۈپ ، يەر ئىشلىتىش رەسمىيىتى تاماملاندى . جىنتۇخا تۆمۈريلىنىڭ مەخسۇس لىنىيەسى ۋە ئەشيا ئوبۇرۇت باغچىسى تۈرىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ؛ سانائەت باغچا رايۇنىدىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلش تۈرىنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمىنى بېكىتىش ؛ تىئەنشىڭ خېمىيە سانائىتىنىڭ يىلىغا 120 مىڭ توننىلىق دېمىتېل ئېفىر ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ؛ جوڭ تەي بىرلەشمە خېمىيە سانائىتىنىڭ يىلىغا 50 مىڭ توننا كالىي سولفات ، 60 مىڭ توننا گىدرو خلورىد ( تۇز كېسلاتسى ) ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە ئىش باشلىنىپ ، قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا . بۇ تۈرلەر پۈتۈپ ئىشقا كىرشتۈرۈلسە ناھىيە بۇيىچە نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى 55 كە يېتىپ ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر