گۇاڭدۇڭ «سامانيولى» موتوسىكلىت گۇرۇھى 2012-يىل 130 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مارالبېشى ناھىيەسىدە شىنجاڭدىكى تۇنجى موتوسىكلىت زاۋۇتى «جياناشى» موتوسىكلىت چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان ئىدى. بۇ شىركەت يىلىغا 25 مىڭدىن ئارتۇق ھەر خىل تىپتىكى موتوسىكلىت ۋە توكسىكلىتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، يەرلىكتىكى 800 دىن ئارتۇق ياشنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.