كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىشخىلا بازىرىدىكى 250 نەپەردىن ئارتۇق كەشتىچى ئايال 15 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 1200 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭلۇقتىكى ئاق لاتىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەرىتىسىنى كەشتىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا كاتتا سوۋغا تەييارلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كاتتا سوۋغا ئۆكتەبىردە ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.