شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىدە 23-ماي ‹‹ توقسۇندا ئۆرۈك پىشتى›› ئۆرۈك ئۈزۈش بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۆجەي بازىرىدىكى غەلىتە تاش ئورمانلىق مەنزىرە رايونى شۇ كۈنى 2000 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش پەسلىگە قەدەم قويدى.
ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ خانىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن خېلى بۇرۇنلا توردىن غەلىتە تاش ئورمانلىقنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى كۆرگەن ھەمدە پۇرسەت تېپىپ بۇ يەرنى كۆرۈپ كېتىشنى ئويلىغان ئىدىم.بۈگۈن بۇ يەردە ئۆرۈك ئۈزۈش بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە ساياھەت كوپىراتىپىغا تىزىملىتىپ، توقسۇنغا كېلىپ ئۆرۈك ئۈزۈش بايرىمىغا قاتناشتىم ھەم غەلىتە تاش ئورمانلىقنى تاماشا قىلدىم. بۇ يەرنىڭ ئۆرۈكى بەك تاتلىقكەن، غەلىتە تاش ئورمانلىقىنىڭ مەنزىرىسىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، ھەقىقەتەن بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىكەن. ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن دوستلىرىمغا توقسۇنغا كېلىپ غەلىتە تاش ئورمانلىقىنى كۆرۈپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
توقسۇندىكى پەنجىر غەلىتە تاش ئورمانلىقى بۇ ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كۆجەي بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 55ن كىلومېتىر، بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1200 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 1.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. غەلىتە تاش ئورمانلىقى پەنجىر تېغىنىڭ يان باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، پەنجىر تېغى ئۇيغۇرچىدە ‹‹ كۆپ تۆشۈكلۈك دېرىزىلىك تاغ›› دېگەن مەنىدە.