- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شۆھرەت زاكىر قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچەيلى
2015.05.25 18:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 24 - ماي كەچتە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى سارباشېۋ تايىربېك ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.
سارباشېۋ تايىربېك ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ قېتىم شىئەنگە بېرىپ جۇڭگو شەرق - غەرب ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئارىلىقتا جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككى كۈنلۈك دوستانە زىيارەتتە بولدى.
شۆھرەت زاكىر كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ قىرغىزىستان بىلەن قوشنا، ئىككى تەرەپ ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھلاردىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مەبلەغ، سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، ھەمكارلىقىمۇ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىدىن مەبلەغ سېلىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇنىڭ تەڭ پايدا ئېلىشتىكى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. جۇڭگو يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، قىرغىزىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم دۆلەت، بۇ ئىستراتېگىيەنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا قىرغىزىستان جەزمەن ئالاھىدە رول ئوينايدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم رايون بولۇپ، قىرغىزىستان بىلەن مۇشۇ رامكا دائىرىسىدە پىكىرلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.
سارباشېۋ تايىربېك مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرىدىغان مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىش ساھەسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىغا، ھەمكارلىق قاتلىمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا، ھاسىل بولىدىغان ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مەبلەغ سېلىپ تۈرتكە بولۇش مەھكىمىسى، «ZETH» خەلقئارا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق گۇرۇھ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چۈشەنچە ۋە ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمىزالىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر