باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە ئائىت 11 تىپىك دېلونى تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ئاشكارىلىدى

2015.05.25 18:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا 2014 - يىلى تەكشۈرۈپ چارە كۆرگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ 11 تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ دېلولارنىڭ دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ، چېتىشلىق پۇل سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتىسىگە مەمۇرىي جازا بېرىلدى، تۆتى ج خ ئورگىنىغا يوللاپ بېرىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ تىپىك دېلولارنى تۇنجى قېتىم تاراتقۇلار ئارقىلىق مەركەزلىك ئاشكارىلىشى ئىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى خەۋپ - خەتەرنى تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن خەۋپنى تىزگىنلەش، مەسىلىلەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى قاتتىق تۇتۇپ، يېمەكلىك، دورا بازارلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە ئائىت مەسىلىلەر ئاسان ۋە كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىخ ھالىتىدىلا بىر تەرەپ قىلدى ۋە تۈگەتتى. ھازىر، ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار يەنىلا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا باشقۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى يەنىلا زور، يېڭى مەسىلىلەر ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، زەربە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۇرەككەپ ھەم جاپالىق. 2015 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچەيدۇ ھەم يېمەكلىك، دورىغا ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇنى جازا ئىجرا قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە ئائىت جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىگۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2014 - يىلى 9 - ئايدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مەمۇرىي ئورگانلار تەكشۈرۈپ چارە كۆرگەن يېمەكلىك، دورىغا ئائىت مەمۇرىي جازا بېرىلگەن دېلو ئۇچۇرلىرىنى ئورگان مەمۇرىي تور بېكەتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدۇ. ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن 791 دېلونى ئاشكارىلىدى، ئامما جايلاردىكى يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى ياكى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىگە كىرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر