- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ
2015.05.25 18:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 1 - مايدىن باشلاپ تىجارەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، لېكىن خادىم قىسقارتمىغان ياكى خادىملىرىنى ئاز قىسقارتقان كارخانىلارغا قارىتا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىپ، ئىش ئورنىنىڭ قىسقارتىلىشىنى ئازايتتى.
بۇ سىياسەتنىڭ يۆلەش ئوبيېكتى: قانۇن بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، لېكىن خادىم قىسقارتمىغان ياكى قىسقارتقان خادىم نىسبىتى %4 تىن تۆۋەن بولغان كارخانىلار، بولۇپمۇ ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش، خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتىش، مائاشنى تۆۋەنلىتىش ۋە نۆۋەتلىشىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان ، لېكىن خادىم قىسقارتمىغان كارخانىلار ئۆزى تەۋە جاينىڭ باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە قىيىنچىلىقى بار كارخانا دەپ بېكىتىلىدۇ. قىيىنچىلىقى بار دەپ بېكىتىلگەن كارخانىلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا سەككىز ئاي كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى 2015 - يىلى بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جايلارنىڭ قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنى بېكىتىشتە شەرتكە قاتتىق ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە ۋاقتىنچە قىيىنچىلىققا يولۇققان، ئەمما ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرى بېكىتكەن ھەم خادىم قىسقارتمىغان ياكى خادىملىرىنى ئاز قىسقارتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى دۆلەت ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ كەسىپ ۋە مۇھىت سىياسىتىگە ماس كېلىدىغان، قانۇن بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەم بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ، دەپ تەستىقلانغان كارخانىلار، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغاندا كېچىكتۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر