باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېقىنقى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە كىرىمى بىر يېرىم ھەسسە ئاشتى

2015.05.25 18:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە كىرىمى 1955 - يىلى 200 مىليون يۈەنگە يەتمەيتتىكەن، 2014 - يىلى 120 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 1955 - يىلىدىكىدىن 633 ھەسسە ئاشقان. بولۇپمۇ 2010 - يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە كىرىمى 453 مىلياد 350 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بەش يىلدا بىر يېرىم ھەسسە قاتلانغان. مالىيە چىقىمى 1955 - يىلى 200 مىليون يۈەنگە يەتمەيتتىكەن، 2014 - يىلى 335 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 1955 - يىلىدىكىدىن 1314 ھەسسە ئاشقان. 2010 - يىلىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، مالىيە چىقىمى 1 تىرىليون 312 مىليارد 60 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بەش يىلدا ئىككى يېرىم ھەسسە قاتلانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى خامچوت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنچياڭ مۇنداق دېدى: 60 يىلدا، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مالىيە تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى ۋە باشقۇرۇش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مالىيە كىرىمىنى مۇقىم، تېز ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق چىقىملارغا كاپالەتلىك قىلىپ، مالىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، كۆپ يىلدىن بۇيان ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بەزى چوڭ ئىشلارنى روياپقا چىقىرىپ، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتتى.

  ۋاڭ جيەنچياڭ بەش يىلدىن بۇيان مالىيە كىرىمىنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ۋە پۇختا قەدەم ئېلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە بازارلىشىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشى، تېز تەرەققىي قىلىدىغان تارىخىي يېڭى باسقۇچقا باشلاپ، باج كىرىمىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەزنىڭ مالىيە ۋە باج جەھەتتە يولغا قويغان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  مالىيە چىقىمى بىلەن مالىيە كىرىمى ئاساسەن بىردەك بولۇپ، ئاۋۋال ئاستا، كېيىن تېز بولۇپ، ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، مالىيە چىقىمىنىڭ كۆلىمى زور دەرىجىدە كېڭىيىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق چىقىملىرىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى. 2010 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن مالىيە مەبلىغى 946 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، يېزا تاشيولى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلدى.

  مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا يۆتكىگەن(قوشۇمچە ياردەم قىلغان) مەبلىغى 2014 - يىلى 200 مىليارد يۈەنگە يەتتى، 2010 - يىلىدىن بۇيان، مەركەز شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ كۆپ ياردەم بەردى. بەش يىلدىن بۇيان مەركەزنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىگەن(قوشۇمچە ياردەم بەرگەن) مەبلىغى 819 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، بىر ھەسسىگە يېقىن قاتلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر