باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقانلار قىرائەتخانىسى «ئەخلەت ساندۇقى»غا ئايلاندى، نېفىت-خىمىيە كۆرگەزمىسىمۇ مەدەنىيەت پۇلى ئالىدىغان بولدى

2015.05.25 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2014-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى خىراجىتى 58 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇ مەملىكەت بويىچە كىشى بېشى ئوتتۇرىچە خىراجىتىنىڭ 42 يۈەنگە توغرا كەلگەن. دېھقانلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈش مەدەنىيەت مەبلىغىدىن باشقا، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مالىيەسى يەنە كۆلىمى زور بولغان مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ مەخسۇس مەبلىغىنى تەسىس قىلىپ، مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى يۆلەشكە ئىشلەتكەن. 2010-يىلدىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى 19 مىليارد 200 مىليون يۈەننى تۆۋەنگە چۈشۈرگەن، ھەر قايسى جايلارنىڭ مالىيەسىمۇ نەچچە ئون مىليارد يۈەن ئاجراتقان. مالىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ مەخسۇس مەبلىغى ئۈچۈن يىلدا 10 مىليارد يۈەن ئاجرىتىدىكەن.

  زور مەبلەغ سېلىنمىسى مەدەنىيەت جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى ۋە بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى يۆلىدى. لېكىن مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، ئۆلچەمنىڭ ئېنىق بولماسلىقى، باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشنىڭ قاتتىق بولماسلىقى سەۋەبلىك، قىسمەن مەدەنىيەت ئارقىلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغى ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى سالىدىغان «مەدەنىيەت نەتىجە قۇرۇلۇشى»غا ئىشلىتىلگەن، قىسمەن دېھقانلار قىرائەتخانىلىرى بازاردا سېتىلمىغان كىتابلار بىلەن توشقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەدەنىيەت كەسىپلىرى مەخسۇس مەبلىغى تەقسىماتىنىڭ ئارقىسىغىمۇ ھوقۇق-پۇل سودىسى يوشۇرۇنغان.

  

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر