- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار - نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئالىي مەكتەپلەردە دوكلات بەردى
2015.05.20 18:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار - نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش پائالىيىتى 18 - ماي چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى، شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار - نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەردى.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتىدە، تېكەس ناھىيەلىك دۆلەت بېجى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى شيې جېڭ چىن ھېسسىياتى بىلەن قازاق دوختۇر جۈمەتاينىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان چەت، تاغلىق رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسىلىنى داۋالىغانلىقىدىن ئىبارەت تەسىرلىك ئىش - پائالىيەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىنىڭ 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇنىرە ئارىپ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئىلغار - نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن. شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز تىلى سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شى يىڭيىڭ ئۆزى ئاڭلىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار - نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار - نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى بويىچە ئىككى دوكلات بېرىش ئۆمىكىگە ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلار 18 - ماي ئۈرۈمچىدىكى تۆت ئالىي مەكتەپتە دوكلات بېرىپ بولغاندىن كېيىن، 19 - مايدىن ئېتىبارەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە سەييارە دوكلات بېرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر