باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنخۇا كىتابخانىسىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»غا دائىر كىتابلار مەخسۇس پوكىيى تەسىس قىلىندى

2015.05.20 18:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاق قوۋۇققا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى بۇ يىل ئاپرېلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، كىتابخانىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە مەخسۇس پوكەي تەسىس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا دائىر كىتابلارنى تىزدى. بۇ مەخسۇس پوكەي تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، يىپەك يولىغا دائىر يېڭى كىتابلارنىڭ بازىرى چىقىپ، بەزى كىتابلار پوكەيگە تىزىلغان كۈنىلا سېتىلىپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى سىياسىي ئىقتىساد ئىلمى»، «يىپەك يولى»، «شەرەپلىك مىللىي ئارمىيە» قاتارلىق كىتابلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغان.

  مەن يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاق قوۋۇقتىكى شىنخۇا كىتابخانىسىغا كىرىپ، 1 - قەۋەتتىكى كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تەسىس قىلىنغان «بىر بەلباغ، بىر يول»غا دائىر كىتابلار مەخسۇس پوكىيىگە تىزىپ قويۇلغان كىتابلارنى بىرمۇ بىر ۋاراقلاپ كۆردۈم. گەرچە جۈمە كۈنى بولسىمۇ، بۇ مەخسۇس پوكەينىڭ ئالدىدا ئادەملەر كۆپ ئىدى. مەن پوكەيدىن «ياۋروپانى مۇسۇلمانلار بايقىغان» دېگەن كىتابنى ئېلىپ، پۇل تاپشۇرۇش ئورنىغا باردىم. دۇ يەنخۇڭ ئىسىملىك بىر خادىمنىڭ دېيىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»غا دائىر كىتابلار مەخسۇس پوكىيىگە يىپەك يولى، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر، مىللەتلەرگە دائىر 200 خىلدىن ئارتۇق كىتاب تىزغان بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭغا دائىر كىتاب يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ پوكەي تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، كۈنىگە 30، 40 پارچىدىن كىتاب سېتىلىۋېتىپتۇ. خىزمەتچى خادىملار پوكەيدىكى كىتابلارنى ھەر كۈنى تولۇقلاپ تۇرىدىكەن، «يىپەك يولى»، «شەرەپلىك مىللىي ئارمىيە» قاتارلىق بازارلىق كىتابلار پات - پات تۈگەپ كېتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر