- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«جۇڭتەي» گۇرۇھى «سىرتقا چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى
−− شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ«چىقىرىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا
2015.05.20 18:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
4 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېگىز تاغلىق دۆلىتى تاجىكىستان قويۇق باھار تۈسىگە كىرىپ، ھەممە مەۋجۇداتلار ئويغانغانىدى. تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خاتلون ئوبلاستىنىڭ دەنگارا شەھىرىدىكى كۆز يەتكۈسىز كېۋەزلىكتە «جۇڭتەي» يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق سانائەت رايونىنىڭ ئالدىنقى ئايدا تېرىغان 4000 گېگتار كېۋەزلىكىنىڭ ھەممىسى مايسا بولدى.
بۇلتۇر 12 - ئايدا ئۇل سېلىنغان بۇ سانائەت رايونى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇھىم پۇرسىتىدىن نەپكە ئېرىشتى، شۇنداقلا شىنجاڭ كارخانىلىرى «سىرتقا چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو - تاجىكىستان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدا ئېرىشكەن مۇھىم نەتىجە بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە شىنجاڭ ئۈنۈمى، شىنجاڭ روھى، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى.
«چىقىرىش»تا دادىللىق بىلەن بېسىلغان قەدەم بۇلتۇر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «سىرتقا چىقىرىش»تا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ زەنجىرسىمان يۆتكىلىش، توپ شەكىلدە تەرەققىي قىلىش، سانائەت رايونى ئەندىزىسى بويىچە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە قوللاپ، سىرتقا چىقىپ، چېگرا سىرتىدا «2+4» سانائەت رايونىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. «جۇڭتەي» گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: «جۇڭتەي» گۇرۇھى دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى تايانچ كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جۈرئەتلىك بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى» ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى پىلانلىشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك.
«جۇڭتەي» گۇرۇھى بۇلتۇر تۇنجى قېتىم تاجىكىستانغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا خادىملارنى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدىغان مەبلەغ سېلىش ساھەسى ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تاللىدى. بۇلتۇر 21 - ئىيۇل «جۇڭتەي» گۇرۇھى تاجىكىستان سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن «شىنجاڭ <جۇڭتەي> يېڭى يىپەك يولى يېزا ئىگىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىلەن تاجىكىستان سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ توقۇمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالىدى ھەم بۇنى تاجىكىستاننىڭ دۆلەت تۈرى، جۇڭگو - تاجىكىستان ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق تۈرگە كىرگۈزدى؛ 8 - ئايدا دۆلەت سودا مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىقتىساد - سودا مەسلىھەتچى باشقارمىسىنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى؛ 9 - ئايدا خاتلون ئوبلاستى دەنگارا رايونى، قورغان - تۆپە شەھىرىدە «جۇڭتەي»(دەنگارا) يېڭى يىپەك يولى توقۇمىچىلىق سانائىتى چەكلىك شىركىتى، «جۇڭتەي»(خاتلون) يېڭى يىپەك يولى يېزا ئىگىلىك سانائىتى چەكلىك شىركىتىنى رويىخەتكە ئالدى؛ 19 - دېكابىر تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىمامئەلى راخمان خاتلون ئوبلاستىنىڭ دەنگارا شەھىرىدىكى «جۇڭتەي» يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق سانائەت رايونىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا بۇ تۈرنىڭ تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولغان ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىق ئورناتتى، «جۇڭتەي» يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىكى، توقۇمىچىلىق سانائەت رايونى تۈرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، مۇكەممەللەشكەن پاختا كەسپى زەنجىرىنى ئورنىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك سانائەت رايونى تۈرىدە ئوڭۇشلۇق كېلىشىم ئىمزالىنىپ قۇرۇلۇشنىڭ باشلانغانلىقى «جۇڭتەي» گۇرۇھىنىڭ «سىرتقا چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسىدە تۇنجى قەدەمنى مەزمۇت باسقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
تەكشۈرۈشتىن تارتىپ قۇرۇلۇش باشلاشقىچە ئاران ئون ئاي ۋاقىت كەتتى
ۋاڭ خۇڭشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاجىكىستانغا ئەۋەتىلگەن تۇنجى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈشتىن تارتىپ سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىغىچە ئاران ئون ئاي ۋاقىت كەتتى. «جۇڭتەي» يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق سانائەت رايونى تۈرى تاجىكىستاندىكى ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تۈرگە 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى، قۇرۇلۇش ۋاقتى ئۈچ يىل، قۇرۇلۇش ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ يىل 3 - ئاپرېل رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى. تۈر ئومۇميۈزلۈك پۈتكەندىن كېيىن يىللىق سېتىش كىرىمى 2 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يەرلىكتىكى 3000دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
بۇنداق چوڭ تۈرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېكىتىلىشى ۋە قۇرۇلۇش باشلىنىشى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلدى؟
ئەسلىدە تاجىكىستان دۇنيا بويىچە داڭلىق ئېگىز تاغلىق دۆلىتى بولسىمۇ، ئەمما خاتلون ئوبلاستى تاجىكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 500 مېتىر ئېگىزلىكتە، تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى ئىللىق، ئەتىياز ۋە قىش پەسلىنىڭ ھاۋاسى ياخشى، سۇ بايلىقى مول. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، خاتلون ئوبلاستىنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى دۇنيا بويىچە داڭقى بار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن تاجىكىستاننىڭ سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى ئۇزاق يىل رېمونتسىز قېلىپ، قىسمەن يەرلەر سۇ كەمچىل بولغانلىقتىن تاشلىنىپ قېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغانىدى.
ۋاڭ خۇڭشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاجىكىستاننىڭ پاختا تەننەرخى، سۈپىتى، تىرانسپورت، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى قاتارلىق ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، «جۇڭتەي» گۇرۇھى كېۋەز تېرىقچىلىقى ۋە پاختىنى ئىنچىكە ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى تاللىدى. بۇ تۈردە 150 مىڭ ئۇرچۇقلۇق، تۆت پاختا پىرېسلاش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، يىلىغا 25 مىڭ توننا پاختا يىپ، 50 مىليون مېتىر پاختا رەخت ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، 250 مىڭ موغا يۈرۈشلەشتۈرۈپ كېۋەز تېرىلىپ، 68 مىڭ توننا چىگىتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بىرىنچى قارارلىق تۈردە 150 مىڭ ئۇرچۇقلۇق، ئىككى پاختا پىرېسلاش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، 250 مىڭ مو كېۋەز تېرىلىدۇ؛ ئىككىنچى قارارلىق تۈردە پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش، گۈل بېسىش ۋە بوياپ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشكە مەبلەغ سېلىنىدۇ.
تۈرلەرنىڭ ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بۇ يىل 3 - ئايدا دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا كېۋەز تېرىقچىلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزگەن.
ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بولغان ئىكەن، تۈرلەرنىڭ ئىستىقبالىدىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ تۈردە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئايلانما ئۇرچۇق ئۈسكۈنىسى قوللىنىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تاجىكىستاننىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقىغا ماس كېلىدىغان كىلىمات ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئېسىل كېۋەز سورتلىرى تەتقىق قىلىنىپ ۋە يېتىشتۈرۈلۈپ، كېۋەز تېرىقچىلىقى تاجىكىستان بويىچە ئەڭ ئىلغار، توقۇمىچىلىقتا خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، باشقۇرۇش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ.«جۇڭتەي» يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق سانائەت رايونىنىڭ يەنە بىر روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى −− ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىنىڭ شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىپ، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغان تۈرلەرنىڭ بىرى. سانائەت رايونى شىنجاڭ «جۇڭتەي»(گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پېيىنى كونترول قىلغان، شىنجاڭ «تەيچاڭ» ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پاي قوشقان شىنجاڭ «جۇڭتەي» يېڭى يىپەك يولى يېزا ئىگىلىك مەبلەغ سېلىش شىركىتىدىن قۇرۇلغان.
ھازىر، «جۇڭتەي» يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق سانائەت رايونى تۈرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، تاجىكىستان ھەقسىز ئاجرىتىپ بەرگەن 150 مىڭ گېگتار يەر ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتى. بۇ يىل سىناق تەرىقىسىدە 4000 گېگتار كېۋەز تېرىش پىلانى ئاساسەن ئورۇندالدى، 3 - ئاينىڭ ئاخىرى تېرىلغان «لۇميەن 1 - نومۇر»لۇق كېۋەز مايسا چىقاردى. بۇ، ئىلگىرى دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك كەشپىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يۇقىرى ھوسۇللۇق، ھوسۇلى مۇقىم سورت ھېسابلىنىدۇ، «جۇڭتەي 1 - نومۇر»نىڭ يېڭى كېۋەز سورتى تېرىلىپ مايسا بولدى.
ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: «جۇڭتەي» گۇرۇھىنىڭ شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ تەلىپى بويىچە، سانائەت رايونى تۈرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى قەدەممۇقەدەم پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگو - تاجىكىستان دوستلۇقىنىڭ ئۈلگە بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، «جۇڭتەي» گۇرۇھى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 3 - قېتىملىق يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاجىكىستان خەلقىگە بەخت يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر