- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى ياشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى
2015.05.20 18:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم - بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولايلى» ياشلار ئورتاقلىشىش ئۆمىكىدىكىلەر 15 - ماي چۈشتىن بۇرۇن، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى ياشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇقۇشىمچە، بۇ قېتىمقى «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم - بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولايلى» ياشلار ئورتاقلىشىش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ «4 - ماي» ياشلار مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياش نەمۇنىچىلەر، مۇنەۋۋەر ياش كارخانىچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئىكەن.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن كەلگەن ئىشلەمچى ياشلار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى ئۇلار بىلەن يۈز تۇرا پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ «بەشتە يېڭى ياشلار»دىن بولۇش تەلىپىنى چۈشەندۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر