باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2015.05.20 18:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 19 - ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى −− ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 7 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ئىدارىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن ئىبارەت توققۇز مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 7 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنىڭ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەم ھەل قىلىپ، پەرقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ توپلاپ، ياخشى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى تاراتقۇلار «ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارغا كېلىش، ئۈنۈمى بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن ھازىرقى تەشۋىقات - تەربىيە بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىغا يېقىن تۇرۇپ ياخشى «تەرجىمان» بولۇپ، «توشۇغۇچى» بولۇپلا قالماي يەنە «ئايلاندۇرغۇچى» بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر