باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قوڭۇر تۆپە چوققىسى مۇزلۇقىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ۋە مۇز غۇلاش ئاپىتىكە ئۇچرىغان چارۋىچىلار جىددى يۆتكەلدى

2015.05.20 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ قوڭۇر تۆپە چوققىسى مۇزلۇقىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ۋە مۇز غۇلاش ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋىچىلارنى جىددى يۆتكىدى. ھازىرغىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋىچى 61 ئائىلىلىك، چوڭ-كىچىك چارۋا جەمئىي 2800 دىن ئارتۇق.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى ئاقتو چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى چارۋىچىلارنىڭ ياردەم سوراپ قىلغان مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئوفېتسېر - ئەسكەرلەر ۋە جايلاردا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تېزدىن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ يوللىرى ئەگرى-توقاي، دېڭىز يۈزىدىن ناھايىتى ئېگىز بولۇپ، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيدانغا تۆت سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئاتلىق يۈرۈپ يېتىپ كەلدى.

  قوڭۇر تۆپە چوققىسى غەربىي كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىدىكى ئىككىنچى ئېگىز چوققا، خۇددى چارۋىچىلار بېشىغا قالپاق كىيىۋالغاندەك، تاغدا يىل بويى قار يېغىلىپ تۈرىدۇ، شۇڭا شۇ يەردىكى چارۋىچىلار ئۇنى «قوڭۇر تۆپە» دەپ ئاتىشىدۇ، يەنى «ئاق قالپاق» دېگەن مەنىدە. بۇ رايوندىكى تاغ تىك ھەم خەتەرلىك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر