باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر شەھەرلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە دوستلۇق مۇسابىقىسى 25-چېسلا باشلىنىدۇ

2015.05.20 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۆرەتتە: «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى» ناملىق فىلىمدىن كۆرۈنۈش

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ماي 2015-يىللىق شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر شەھەرلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلىنىدۇ، شىئەن، شېنجىن قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن كىچىك پۇتبولچىلار مۇسابىقە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئالتە تارماق كوماندىسىدىكى كىچىك پۇتبولچىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەخسۇس ياش–ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى بولغاچقا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزالارنىڭ ياش چەكلىمىسى2003-يىلدىن كېيىن توغۇلغان بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ ياش–ئۆسمۈرلەر شەھەرلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە دوستلۇق مۇسابىقىسى ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرى پەقەتلا شىنجاڭدىكى پۇتبولچىلار تەكلىپ قىلىناتتى، 2015-يىللىق مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم سىرتتىن پۇتبول كوماندىسى تەكلىپ قىلىندى.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقە بەش كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 29-ماي ئاياقلىشىدۇ، جەمئىي 8 تارماق كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇلار غۇلجا شەھەرلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى، ئاتۇش ئۈمىد يۇلتۇزى ياش ـ ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كولۇبى پۇتبول كوماندىسى، قاراماي ۋەكىللەر ئۆمىكى، تۇرپان پىچان ناھىيەسىدىكى پۇتبول كوماندىسى، مارالبېشى ناھىيەسى ئالاغىر يېزىسى شەنبە بازار مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى، شەنشى شىئەن شەھەرلىك پۇتبول كوماندىسى ۋە شېنجىن شەھەرلىك بۇشىن باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى. بۇ سەككىز تارماق پۇتبول كوماندىسى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئالدى بىلەن كىچىك گۇرۇپپىلار ئارا ئايلانما مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ ئالدىنقى ئىككى دەرىجىسى تاللانغاندىن كېيىن، قايتا شاللاش مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر