- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«كەچلىك مەدەنىيەت بازىرى» دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى
2015.05.19 16:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: ياز كىرىشى بىلەن باي ناھىيەسىنىڭ يېزا-بازار ۋە مەيدانلىرىدا «كەچلىك مەدەنىيەت بازىرى» ئېچىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلار شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش يېڭىچە زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولدى.
زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، كەنت كومتېتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت، كەنت كومتېتى مەيدانىدا كەچلىك بازار ئېچىپ، تۇرمۇش مەزمۇنىنى بېيىتتى.
كەچلىك بازار قۇرۇلغان بىر ئايدىىن بۇيان، «يېزا مەدەنىيەت كەچلىك بازىرى» دېھقان-چارۋىچىلار پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان، كىرىم قىلىدىغان ياخشى جاي بولۇپ قالدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر