باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 2-ئوتتۇرا مەكتەپ دوستلۇق پائالىيىتى ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مارشىنى ياڭراتتى

2015.05.19 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: 33-قېتىملىق مىللەتلەت ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى كىرىشى بىلەنلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، باي ناھىيەلىڭ 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 2-ئوتتۇرا مەكتەپ (خەنزۇ مەكتەپ) «تيانشان قارغايلىرىنىڭ يىلتىزى تۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش» باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە دوستلىق پائالىيىتى قانات يايدۇردى.

  18-ماي «شاد-خورام ئوينايلى» ناملىق مۇزىكا ساداسىدا باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى باشلاندى. ئىنقىلابىي ناخشا ئېيتىش قاتارلىق سەرخىل نومۇرلار ئورۇندىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتتە خەنزۇ ساۋاقداشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى بىلىۋالدى، شۇنىڭ بىلەم بىللە ئۇيغۇر ساۋاقداشلارمۇ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدى. ئىككى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيەلەش ھىسياتلىرىنى ئىپادىلەپ، مىللەتلەر ئارا نەپەسداش، قەلىبداش، تەقدىرداش بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشتى.بۇ ئىككى مەكتەپ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان دوستلۇق ئورنىتىپ ئىزچىل تۈردە ئىتتىپاقلىق-دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر